
بەلكىم كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم تور بېكەتلەردە، بولۇپمۇ WordPress قا ئوخشاش بېكەت سېستىمىلىرىنى ئىشلەتكەن تور بېكەتلەردە بەزى تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى ئىنتايى قالتىس، ئۆزگىچە كۆرۈنىدۇ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى بولسا، ئاشۇ تور بېكەت تەمىنلەپ قويغان كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە نۆۋەتتە تەدبىركار تور بېكىتى نۆۋەتتىمۇ ئوخشاش بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل بىر تۇتاش باش سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى، بىر خىل Gravatar دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەتتىن كېلىدىغان بولۇپ، Globally Recognized Avatar نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى. نۆۋەتتە خېلى كۆپ قىسىم تور بېكەت سېستىمىلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتنى قوللايدۇ، ئۇنداقتا بىز Gravatar نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.
Gravatar ئەڭ بۇرۇن چەتئەلدىكى WordPress بلوگ سۇپىسىدا ئىشلىتىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بىر خىل مۇلازىمەت بولۇپ، ناۋادا سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق بىر تور بېكەتكە بارغان چېغىڭىزدا، بۇ تور بېكەت سىزنىڭ E-mail ئادرېسىڭىزغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىز ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ، ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان باش سۈرەتنى تورغا يۈكلەشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز، بولمىسا بۇ تور بېكەت كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت ئارقىلىق سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تورخۇمارلار كۇلۇبى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بېكەت پروگراممىسى WordPress بولۇپ، Gravatar مۇلازىمىتىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە خاس باش سۈرەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە Gravatar مۇلازىمىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز!
تۆۋەندە بىر قانچە قەدەم ئارقىلىق كۆپچىلىككە Gravatar باش سۈرىتى ئىلتىماس قىلىشنى ھەمدە تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئوخشاش تور بېكەتلەردە قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە خاس بولغان باش سۈرەت بەلگىلەشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:
1. تىزىملىتىش: ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتى(http://gravatar.com/)گە بېرىپ، سول ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىكتىن Sign Up نى باسىمىز.
2. دەلىللەش: خەت ساندۇقىڭىزغا كىرىپ، بايا Gravatar ئەۋەتكەن يوللانمىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، توركۆرگۈنىڭ ئادرېس ستونىغا چاپلاپ Enter نى باسىمىز.
3. ئىسىم، پارول قاتارلىقلارنى بەلگىلەيمىز.
4. رەسىم يۈكلەش: ئادەتتە كۆپىنچە كومپيۇتېردىكى رەسىمنى يۈكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ(My computer’s hard drive).

5. رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى قىيىۋالىمىز.
6. باھا دەرىجىسى: سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزگە دەرىجە بەلگىلىنىدۇ، چۈنكى ھەرخىل تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان باش سۈرىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىم چوڭلار ياقتۇرىدىغان باش سۈرەتنىڭ بەلكىم كىچىك دوستلارغا بولغان تەسىرى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا سىز چىقارماقچى بولغان باش سۈرەت ئۇنچە بەك "ئالاھىدە" بولمىسىلا، بىۋاستە G تىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاساسەن ھەر قانداق تور بېكەت بۇ باش سۈرەتنى نورمال كۆرسىتەلەيدۇ، نۆۋەتتە تورخۇمارلار كۇلۇبى مۇ بۇ خىل تىپتىكى باش سۈرەتنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.
7. تەستىق كۈتۈش: باش سۈرەت چىقارغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەتلىك تەستىقلاش ئۆتكىلىگە دۇچ كېلىمىز، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز G تىپتىكى باش سۈرەت بولسا ھەمدە يوللىغان باش سۈرىتىڭىز بەك "ئالاھىدە" بولۇپ كەتمىسە، نەچچە مىنۇتقىچە تەستىقلىنىپ بولىدۇ.
بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق تور بېكەت، مەسىلەن تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئىنكاس يازغاندا، Gravatar ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى خەت ساندۇقىڭىزنى تولدۇرغان بولسىڭىزلا، تور بېكەتتە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان باش سۈرەتنى كۆرەلەيسىز. ھازىرچە كۆپ قىسىم Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئاساسەن WordPress ، بىراق ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق تور بېكەت پروگراممىسىغا پەقەت Gravatar نىڭ كودى قوشۇلغان بولسىلا، يەنىلا Gravatar باش سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىلىشىمچە PJBlog نىڭ ئەڭ يېڭى سىناق نۇسقىسىدىمۇ بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنگەن، بىر قىسىم بلوگگېرلار ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى PJBlog دا بولسا، Gravatar باش سۈرىتى ئىشلىتىش ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولدى. بۇ مۇلازىمەتمۇ بەلكىم بۇندىن كېيىن بارا-بارا ئومۇملىشىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچ بولمىسا باش سۈرەت بەلگىلەش ئۈچۈن بەك ئاۋارىچىلىق تارتىپ كەتمەيسىز.
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار: ناۋادا E-mail غا ئاساسەن باش سۈرەت ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمىز ئاشكارىلىنىپ قالمامدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى Gravatar نىڭ ئىشلەتكىنى MD5 مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى E-mail بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق.
بىر قىسىم دوستلار مەزكۇر يازمىنىڭ ئۈستى قىسمى رەسىمدىكى كارتون رەسىملەرنى قانداق لايىھەلەيدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل توردا تۇرۇپ باش سۈرەت لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت بولۇپ، تەدبىركار ئىلگىرى ئۆزىمىزگە خاس بولغان كارتون ئوبرازى بەلگىلەش دېگەن نامدا بۇ تور بېكەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، مۇناسىۋەتلىك يازما ئادرېسى: http://www.torhumar.com/faceyourmanga.html

مەن تىخىمۇ قالتىس !!!!!!!!!!!!
مۇنداقمۇ تېخنىكىلار بار دەڭ. مۇشۇ نەرسىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلەلمەي يۈرەتتىم.
ياخشىكەن
يا خشى
مەن سىناپ باقاي!
خەنچە بولغان بولسا ئاسانراق بۇلاركەن ! ئالتۇن تاغ تەرجىمانىنىڭ ياردىمىدە قىلىۋالدىم!
بەلەنكەن
مانا يازدىم
ياخشىكەن
بۇ تېخنىكىمۇ بولىدىكەن ھە…
سىناپ باقاي
ياخشىمۇسىلەر
بۈگۈن بۇنى مەنمۇ قاملاشتۇرىۋالدىم ، رەھمەت !
مەن ئاخىرى باش سۈرەت بەلگىلىۋالدىم
ياخشى
بەك تەستە ئەزا بولدۇم
ياخشىمۇ سىلەر!مەن بۈگۈن ئەزا بولدۇم
مىنىڭ نىمىشقا باشقا بىكەتلەردە چىقمايدۇ؟
سۈرەت بەك چوڭ بولاپ كەتتىمۇ يار؟ ھازىر سىزنىڭ بۇ بېتىڭىزدىمۇ چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ مانا